ئەردوغان نىيۇ يوركتا ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسىتىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1274373
ئەردوغان نىيۇ يوركتا ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ باردى ۋە ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى. ئۇ شەرق-غەرب ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇ تۈركىيە-ئامېرىكا دۆلەت يېتەكلەش كومىتېتىنىڭ پائالىيىتىدە، ئامېرىكادىكى تۈرك، قېرىنداش ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرگە خىتاب قىلدى. ئۇ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ۋە ئامېرىكادىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق، بۇ خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. سىلەرنىڭ سايەڭلاردا بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ماسكىسىنى ئېلىۋېتىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلىپ، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ ئىمپېرىيالىستلارنىڭ قولچۇماقچىسى بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن رايونىمىزنى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرغانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بەدىلىگە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن قورال-ياراغ تەمىنلىگەنلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تۆكۈلگەن ھەر بىر تامچە قېنىدا قولى بارلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز.»

ئۇ ئامېرىكادا تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان تۇركەن (TURKEN) ۋەخپىسىگىمۇ خىتاب قىلىپ: «15-ئىيۇل كېچىسى ئۆز خەلقىگە بومبا ياغدۇرغان ماڭقۇرتلارغا ئوخشاش، ئەقلىڭلارنى ۋە قەلبىڭلارنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويماڭلار» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بارلىق ياشلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر