ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تېررورچىلارغا قورال – ياراغ ياردەم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى.

1269245
ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيەنىڭ «<رېيتېر> ئاگېنتلىقى» نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ي پ گ/پ ي د نىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ روشەن ھەقىقەتنى قانچە قىلساقمۇ غەرب ئەللىرىگە چۈشەندۈرەلمىدۇق. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدىكى تېررورچىلارغا ئون مىڭلارچە يۈك ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان قورال – ياراغلارنى ياردەم قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى شېرىكىمىز بولغان  ئامېرىكا تۈركىيەگە سېتىپ بەرمىگەن قورال – ياراغلارنى بۇ تېررورچىلارغا ھەقسىز بېرىۋاتىدۇ. ئى ئامېرىكا! سىلەر تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تېررورچىلارغا قورال – ياراغ بېرىۋاتىسىلەر، بۇنى قانداقمۇ ئىتتىپاقداشلىق دېگىلى بولسۇن؟!»

تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدا تېررورچىلار كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يولغا قويمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيە بىلەن بولغان چېگرا لىنىيەلىرىمىزدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەلىپىمىزنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بۇ بىزنى قايمۇقتۇرۇش سىياسىتىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. سەۋر - تاقەت قاچىمىز تېشىپ كەتسە، ئۆز يولىمىزغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر