«باشقىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلش نىيىتىمىز يوق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە چېگرا سىرتىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىردىنبىر نىشانىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1261403
«باشقىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلش نىيىتىمىز يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  «30 – ئاۋغۇست <زەپەر بايرىمى> ۋە <تۈركىيە ئارمىيەسى بايرىمى كۈنى>» مۇناسىۋىتى بىلەن «باش قوماندان» سۈپىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا بەرگەن زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ  تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ باشقىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش نىيىتىمىز يوق. ئەمما باشقىلار بىزنىڭ زېمىمىزنى بېسىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكسە، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا خىرىس قىلسا، ھەمدە ئىستىقلالىمىز ھەم ئىستىقبالىمىزغا تەھدىت شەكىللەندۈرسە، بۇنىڭغا قىلچە سەۋر - تاقەت قىلالمايمىز ھەم قاراپ تۇرالمايمىز. نۆۋەتتە ئىراقتا، سۈرىيەدە شەرقىي ئاقدېڭىزدا ۋە تېرروتېرىيەمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمىزنىڭ بىردىنبىر نىشانى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتۇر، دوست ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشتۇر.تۈركىيە چېگرا رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە ھەرگىزمۇ قاراپ ئولتۇرالمايدۇ. دەرۋەقە، بىز خەلقىمىز، دوستلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز دەرد - ئەلەم ۋە مۇسىبەت يالقۇنىدا كۆيۈۋاتسا كارىمىز بولماي يۈرۈۋېرىدىغان بىر مىللەت ئەمەسمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر