3 – «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 – « ھەربىي ھەرىكىتى» نى قوزغىدى.

1257806
3 – «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىغا 3 – «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» نى قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھەربىي ھەرىكەتتىن مەقسەت، چېگرا بىخەتەرلىكىمىزنى يىراقتىن قوغداش، سىنات – ھافتانىن رايونىدىكى تېررورچىلار ۋە ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان غارلار، پاناھ جايلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشتۇر. ھاۋا ئارمىيەمىزگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەمىزگە ئائىت ئۇرۇش ۋاستىلىرى، ھەرقايسى قىسىملىرىمىز، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز ۋە <بوران – چاپقۇن> ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلىرىمىز قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەت پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر