چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە سۇدانغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ قېرىنداش سۇدان ۋە سۇدان خەلقىنى قوللىشىنىڭ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1254168
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە سۇدانغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، مۇۋەققەت مەمۇرىي تۈزۈم بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قانۇنلۇق خىتابنامىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن بۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا سۇداننىڭ ۋە سۇدان خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

سۇداندىكى زىيارىتى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى سۇدان مۇۋەققەت ھەربىي كېڭىشى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھانغا ۋە سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئۆمەر دەھەب فادل مۇھەممەدكە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماستىن، بۇ مۇساپىدە بىر يارىشىشنىڭ ھاسىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىزچىل ھالدا يەتكۈزۈپ تۇردۇق. نەتىجىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، 39 ئايلىق (مەمۇرىي تۈزۈمگە) ئۆتۈش مۇساپىسى بولىدۇ. 39 ئايدىن كېيىن دۆلەتتە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىنشائاللاھ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئەبەدىي بولىدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ سۇدان زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بولۇپمۇ بۇ يەرگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىمىز، مائارىپقا ئالاقىدار مەسىلىلەر، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىمىزغا ئوخشاش ئىككى تەرەپكە ئالاقىدار نۇقتىلار، لىۋىيەگە ئوخشاش رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردۇق» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە فىنلاندىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھائاۋىستو بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مەنسەپدېشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە قىبرىس مەسىلىسى دېگەندەك كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

زىيارەت جەريانىدا كۆرۈشكەن چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دەبىگە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سالامىنى يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، دەبى بىلەنمۇ ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر