تۈركىيە - ئەزەربەيجان ھاۋا كارىدورى

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ھاۋا كارىدورى شەكىللەندۈرۈلىدۇ

1251091
تۈركىيە - ئەزەربەيجان ھاۋا كارىدورى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك ھاۋا يوللىرى مەيدانلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن كەسكىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە دۆلەتلىك ھاۋا يوللىرى مەيدانلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان  خەلقئارا پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ئايرودۇرۇملىرى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ نەھچىۋان ئايرودۇرۇمى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان ھاۋا كارىدورىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇ خىزمەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغانلىقىنى، بۇ ھەقتە تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن  بۇ كارىدورنىڭ 15 – ئاۋغۇست كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق قىلىپ، ھازىر ئىران ياكى ئەرمېنىيە ھاۋا تەۋەلىكلىرى ئۈستىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئۇچۇشلار، تۈركىيە – ئەزەربەيجان ھاۋا تەۋەلىكلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر