مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلدى

مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە چېگراسىدا تىنچلىق كارىدورى تەسىس قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1245232
مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا چاقىرىلدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بەش ماددىلىق خىتابنامىدە، سۈرىيە چېگراسىدا تەسىس قىلىش پىلان قىلىنغان «تىنچلىق كارىدورى» دەپ نام بېرىلگەن خەۋپسىزلىك كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىرادىسى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە يەنە: «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك بىلەن، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغان پ ك ك|پ ي د-ي پ گ، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قەتئىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇلغان كۈرەش، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى شىمالىي ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان «1-پەنجە» ۋە «2-پەنجە» ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى؛

 تۈركىيەنىڭ ئەربىل كونسۇلخانىسىدىكى بىر دىپلومات شېھىت قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئېنىقلىنىشى؛

 پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د|ي پ گ نىڭ نامدىكى كاتتىباشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى تېررورىستلارنىڭ قىزىل تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلىشى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بەزى تېررورىستلارنىڭ قىزىل تىزىملىككە كىرگۈزۈلمەسلىكىنىڭ، دۇنيا مىقياسىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە زىيان سالغانلىقى؛

شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى خەلقئارالىق قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەر بىلەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئاساس قىلغان، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشقان، قەتئىي ۋە پىرىنسىپچان پوزىتسىيەنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى» تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر