تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى تۇنجەلىدە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1238944
تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇنجەلىدە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقنى ئۇقتۇردى.

پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ماس ھالەتتە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە گارا رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

يەنە ئىراقنىڭ شىمالىدا، تېررورچىلار مەركەز قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان كاراجاك رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، نۇرغۇن جايلار بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

ئاساسلىقى يەرلىك ۋە مىللىي قوراللار ئىشلىتىلگەن كاراجاكتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق پەقەت تېررورچىلارغا ئائىت ئورۇنلارغىلا زەربە بېرىلگەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر