تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بالى ئارىلىغا ئۇچۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ھىندونېزىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ساياھەت ئارىلى بالىغا ئۇچۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

1238186
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بالى ئارىلىغا ئۇچۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بالى ئارىلىغا ئايروپىلان سەپەرلىرى ھەپتىدە 7 قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

 تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى سېتىش ئىشلىرى مەسئۇلى كېرەم سار، ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن نگۇراھ راي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بالى ئارىلىغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇچۇش تورىغا يېڭى بىر نۇقتىنى ئىلاۋە قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھىندونېزىيەدىكى ئىككىنچى ئۇچۇش نۇقتىمىز بولغان بالى ئارىلىغا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۇق، بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يېتىپ بېرىش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر