تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ماس قەدەمدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە گارا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1232636
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ماس قەدەمدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە گارا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىستىھكام ۋە پاناھلىنىش ئورنى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان جايلىرىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى، 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر