ئىستانبۇل سايلىمىدا ئىمامئوغلۇ غەلىبە قىلدى
قايتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىستانبۇل سايلىمىدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (CHP) ۋە ئىيى (İYİ) پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ غەلىبە قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن قايتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى سايلىمىدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەكرەم ئىمامئوغلۇ 4 مىليون 741 مىڭ 868، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) نىڭ نامزاتى بىنالى يىلدىرىم 3 مىليون 935 مىڭ 453 ئاۋازغا ئېرىشكەن.
قايتىلانغان ئىستانبۇل سايلىمىدا، 10 مىليون 570 مىڭ 354 سايلىغۇچىدىن 8 مىليون 925 مىڭ 63 كىشى بىلەت تاشلىدى. تاشلانغان 8 مىليون 746 مىڭ 464 ئاۋاز كۈچكە ئىگە بولدى، 178 مىڭ 599 ئاۋاز ئىناۋەتسىز ھېسابلاندى.
رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان ئەكرەم ئىمامئوغلۇ %54.21 ئاۋازغا تەڭ بولغان 4 مىليون 741 مىڭ 868 بېلەتكە، بىنالى يىلدىرىم %44.99 ئاۋازغا تەڭ بولغان 3 مىليون 935 مىڭ 453 بېلەتكە ئېرىشكەن.
سائادەت پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نەجدەت گۆكچىنار 47 مىڭ 829 بېلەتكە، ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ نامزاتى مۇستافا ئىلكەر يۈجەل 14 مىڭ 545 بېلەتكە ئېرىشكەن.