مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس شىۋېيتسارىيەدە

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي شىۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولدى.

1215923
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس شىۋېيتسارىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 30 دۆلەتتىن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان 108 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەمگەك كونفېرانسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن  شىۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولغان مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، كونفېرانس جەريانىدا ھەيئەتلەر  ئارا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئوكتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى مارىئا فەرناندا ئېسپىنوسا گارسېس بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ئىشلىرى مىنىستىرى زەھرا زۈمرۈت سەلچۇق ۋە تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى باش ئەلچى سادىق ئاسلان قاتارلىقلارمۇ مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي بىلەن بىللە بولدى.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيەنىڭ سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئۇچرىشىشتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېخنولوگىيە بانكىسىنىڭ ئەھمىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياشلار مۇلازىمەت مەركىزى خىزمىتى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر