19 - ماينى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى باشلاندى
بۈگۈن داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ مىللىي كۈرەشنى باشلاش ئۈچۈن سامسۇنغا بارغىنىغا 100 يىل بولغان كۈن.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تۈركىيە مىقياسىدا، چەت دۆلەتلەردىكى ۋاكالەتخانىلاردا ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ھەر خىل مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلەنمەكتە.
ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇ، 19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.
ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا بارغان مىنىستىر ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر، خاتېرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويدى، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.
بۇ جەرياندا، ئاتاتۈركنىڭ 1919 – يىلى 19 – مايدا دېڭىز يولى ئارقىلىق سامسۇنغا بېرىشىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەردە (سامسۇندا) ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.
پائالىيەتلەر دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلار ۋە بايراق يۈرۈشى» دە 1919 – مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۈرك بايرىقى ئېچىلدى.
ئاتاقۇم ناھىيەسىدىكى چوبانلى پورتىدىن باشلانغان يۈرۈشكە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن سامسۇنغا بارغان ياشلار ۋە ئامما ئىشتىراك قىلدى.
يۈرۈش بويىچە ھەرخىل مارشلار توۋلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.