ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا تۇيۇقسىز ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىش توغرۇلۇق سىگنال بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پات يېقىندا سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى رايونلارغا تۇيۇقسىز ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىش توغرۇلۇق سىگنال بەردى.

1203000
ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا تۇيۇقسىز ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىش توغرۇلۇق سىگنال بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ياۋروئاسىيا مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە تىياتىر مەركىزىدە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۈزلۈكسىز ھەربىي ھەرىكەت سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پەقەت يېقىنقى 2 يېرىم يىل ئىچىدىلا 16 سى <قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكى> گە كىرگۈزۈلگەن  پ ك ك نىڭ ئاتالمىش  420 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك مىنسۇبى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن، ھەم بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلىۋاتقانلارنىڭ سانىدا ئازىيىش كۆرۈلدى، ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىدا ناھايىتى زور دەرىجىدە كەينىگە چېكىنىش كۆرۈلدى.»

شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىدا ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن تەكرار مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان تاغلارغا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ غەيرەيلىرى ۋە پىداكارلىقلىرى سايىسىدا قايتىدىن باھار كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ئوق - دورا جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان ئۇنسۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سۈرىيە ساھەسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق دائېش ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ بۇ دۆلەتتىكى گۇماشتىلىرىغا  ئېغىر زەربىلەرنى بەردۇق. 4 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق ساھەنى تېررورچىلاردىن تازىلىغاندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۇ رايونلارنى گويا بىر ئارامبەخش ئارىلىغا ئايلاندۇرۇدۇق.»

سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن قېچىپ تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن 3 مىليون 600 مىڭ كۆچمەندىن 320 مىڭىنىڭ تەكرار ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پات يېقىندا سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى رايونلارغا تۇيۇقسىز ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلارنى تازىلايدىغانلىقلىرىنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيەگە قوشنا قانداقتۇر بىرەر تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەلىك كورد، ئەرەب ۋە تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىنى يېڭى مۇستەملىكىچىلىك  ھەۋەسلىرىنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويالمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر