ئەردوغان غەرب دۆلەتلىرىنى قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە پەرقلىق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1199642
ئەردوغان غەرب دۆلەتلىرىنى قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ ئىستانبۇل سايلىمى توغرىسىدىكى قارارىغا قارشى چىقىشىغا «قوش ئۆلچەم قوللىنىش» دەپ باھا بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىرلىك ۋەخپى مەركىزىي بىناسىدا بېرىلگەن 39 – نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى بىرلىك ۋەخپى ئىپتارىدا سۆز قىلىپ، ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ 31 – مارتتىكى ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمىدا خاتالىق سادىر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سايلامنىڭ 23 – ئىيۇندا قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارار قىلىشىنى ئەيىبلىگەن غەرب دۆلەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان، «ئاۋستىرىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟  ھەرقانداق بىرىنىڭ <بۇنداق ئىش بولامدۇ؟> دەپ ۋايسىغانلىقىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. بىزدە بولسا، پەقەت مۇراجىئەت قىلىشىمىزمۇ غەربنى بىئارام قىلىدۇ. بۇ، بىزنىڭ مىللىي ئىرادىنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش كۈرىشىمىزدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر