چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك قاناتقا مەنسۇپ باشلىقى ئېلىئوت ئېنگېل ۋە جۇمھۇرىيەتچى قاناتقا مەنسۇپ پېشقەدەم ئەزاسى مايكېل ماككائۇل بىلەن كۆرۈشتى.

1176724
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا بارغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك قاناتقا مەنسۇپ باشلىقى ئېلىئوت ئېنگېل ۋە جۇمھۇرىيەتچى قاناتقا مەنسۇپ پېشقەدەم ئەزاسى مايكېل ماككائۇل بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىغا تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچمۇ قاتناشتى؛ ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار يېڭى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، چېخىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس پېترىسېك بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت سودا ھەجىمىمىز ۋە ئۆزئارا سېلىنمىلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە تۈركىيە – چېخىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا دىمىتروۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، «شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا دىمىتروۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمىزدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. شىمالىي ماكېدونىيەنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناتونىڭ 30 – ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتۇق» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولماقتا. چاۋۇشئوغلۇنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئەتە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر