تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان ۋە خاكۇرك رايونلىرىدىكى ئۇۋىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

1174953
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان ۋە خاكۇرك رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى، ئوڭكۈر ۋە قورال ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر