بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

بەزى دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىدى.

1174611
بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر ۋۇجىچ، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى مىلوراد دودىك ۋە دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى باكىر ئىززەتبېگوۋىچ، ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما بىلەن گىنە پىرېزىدېنتى ئالفا كوندېنىڭ جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، مەھەللىي سايلاملاردا غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خانمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى مەھەللىي سايلامدىكى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى تەبرىكلىدى.

ئىمران خان ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «پاكىستاننىڭ دوستى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى  تۈركىيەدىكى مەھەللىي سايلاملاردا يەنە بىر قېتىم زەپەر قۇچقانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن. پاكىستان خەلقى ئۇنىڭغا يەنە قانچىلىغان ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇلاردىن سىرت مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باھچەلى بىلەن سابىق باش مىنىستىرلاردىن مەسئۇت يىلماز ۋە تانسۇ چىللەرمۇ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر