تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1173274
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا يۈز بەرگەن ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھەم يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر