تۈركىيە موزامبىكقا ياردەم قىلدى

تۈركىيە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن موزامبىكقا ياردەم قىلدى.

1169703
تۈركىيە موزامبىكقا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بوران-چاپقۇن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن موزامبىكقا ياردەم قىلدى.

ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تۈركىيە ياردەم ئورۇنلىرى خادىملىرى ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش مەقسىتىدە، بوران-چاپقۇن ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن موزامبىكقا يېتىپ كەلدى.

ياردەم ئورۇنلىرى خادىملىرى تۈركىيەنىڭ موزامبىك ئەلچىسى زەينەپ قىزىلتان ۋە موزامبىك مەسئۇللىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

ئەلچى قىزىلتان ئافرىقادا مەيدانغا كەلگەن ئىداي بوران-چاپقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتنىڭ موزامبىكقا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

قىزىلتان تۈركىيەنىڭ موزامبىككە ياردەم قىلغان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن 600 ئائىلە ئۈچۈن ياردەم بۇيۇملىرى تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ياردەم ئورۇنلىرى  خادىملىرى ماپۇتودە ياردەم خىزمەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاپەت ئەڭ ئېغىر زىيان سالغان بېرىيا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن موزامبىك، زىمبابۋې ۋە مالاۋىدە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكەن ھەپتە مەيدانغا كەلگەن بوران-چاپقۇن ۋە شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى تۈپەيلى قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 700گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر