تۈركىيە ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدىكى كېچىك كېمىسى ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئىراققا تەزىيە بىلدۈردى.
1168841
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە <دىجدە دەرياسى> ساھىللىرىدا بىر كېچىك كېمىسىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۆپ ساندىكى ئىراقلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق، ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدىكى كېچىك كېمىسى ۋەقەسىدە 71 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.