چاۋۇشئوغلۇ ترامپقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «گولان ئېگىزلىكى» توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1168401
چاۋۇشئوغلۇ ترامپقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تېرروتېرىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق ۋە دەرد – ئەلەملەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى خەلقئارا قانۇننىڭ ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرى، رايوندا تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق ۋە دەرد – ئەلەملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۈركىيە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تېرروتېرىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە ئائىت بولغان «گولان ئېگىزلىكى» نى 1967 – يىلدىن بېرى ئىشغالىيتى ئاستىدا تۇتماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر