ئەردوغان كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ خۇسۇسىي ئەمەس پۈتۈنلەي تەشكىللىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1166083
ئەردوغان كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 3 خۇسۇسىي تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ ئورتاق ئۇلاپ تارقىتىش پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار باياناتلاردا بولدى.

نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى شۇنداقلا يېڭى زېلاندىيەدە جۈمە نامىزى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە 50 كىشىنىڭ جىنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، ھۇجۇمىنىڭ خۇسۇسىي ئەمەس، پۈتۈنلەي تەشكىللىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ ۋەقەگە تۇتقان جىم تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«فىرانسىيەدىكى چارلې ھېبدو ۋەقەسىدە پۈتۈن دۇنيا ياۋروپادا بىر يەرگە جەم بولدىمۇ؟ جەم بولدى. ئۇنداقتا بۇ ۋەقەگە قارىتا ياۋروپانىڭ ئاۋازى چىقىپ باقتىمۇ؟ ياق. ياۋروپادىن تېخىچە بىرەر نەرسە ئاڭلىغىنىمىز يوق. غەرب مېدىياسى بۇ ئىشقا قارىتا پۈتۈنلەي نەيرەڭۋازلىق بىلەن ئىش تۇتماقتا»

ئەردوغان بۇ ھۇجۇمغا بېرىلگەن جازاغا دائىر ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنىمۇ ھەمبەرھىرلىشىپ، «15 يىللىق قاماق جازاسى دېگەندەك نەرسىلەردىن سۆز قىلىشماقتا. يەنى، 50 مۇسۇلمان شەھېد قىلىنىدۇ، بۇنىڭ جازاسى ئاران 15 يىل بولىدۇ. بۇنداق ئىش مۇمكىنمۇ؟ بۇنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن؟» دېدى.

سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنىڭ تېررورلۇقتىن تازىلانغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلىدا رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان خاتىرىجەملىك ئۈستىدىمۇ توختالغان ۋە مۇھىم بىر خەۋپ تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئەردوغان، «ئەگەر بىز ئۇ تېررورلۇق كارىدورىنى توسمىغان بولساق، ئافرىندىن ۋە جەرابلۇستىن يېرىپ ئۆتۈش ھەرىكىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرمىغان بولساق ئىدۇق، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ جەنۇبىمىز پۈتۈنلەي بۇ تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولاتتى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرىلىرى ھەققىدە ياۋروپالىق مەسئۇللار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېقىنقى باياناتلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «بىز بىلەن مۇزاكىرىلەرنى توختاتسۇن ياكى توختاتمىسۇن، تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. بۇنى ھەرگىز قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بار» دېدى.

ئەردوغان ئىقتىسادتا ئىشنى قاتتىق تۇتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ياخشى تەرەپكە كېتىپ بارغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر