ئەردوغان ھەلەپچە قەتلىئامى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ھەلەپچە قەتلىئامى ئىران – ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئىدى.

1164980
ئەردوغان ھەلەپچە قەتلىئامى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقنىڭ ھەلەپچە شەھىرىدە يۈز بەرگەن قەتلىئامنىڭ 31خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «31 يىل ئىلگىرى مىڭلىغان پۇقرانىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلىشى قەلبلىرىمىزدە پەيدا قىلغان يارىلار ھازىرمۇ ئۆز پېتى تۇرماقتا» دېدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەلەپچە قەتلىئامىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا بىر قارا داغ بولۇپ خاتىرلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ھەلەپچە قەتلىئامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كورد قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تېلەيمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ھەلەپچە قەتلىئامى ئىران ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئىدى.

ئەينى چاغدىكى ئىراق پىرېزىدېنتى ساددام ھۇسەيىن ھەلەپچىدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ئىدى. 

1988يىلى 16مارتتا 8 ئايروپىلان زەھەرلىك گاز بومبىلىرىنى ھەلەپچە يېزىسىغا تاشلىغان ئىدى. 

ھۇجۇمدا ئاساسلىق كۆپ قىسمى پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان 5000 دىن كۆپرەك كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 7000 دىن كۆپرەك كىشى يارىدار بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر