قالىن نېتانياھونىڭ ئەردوغان توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا قارىتىپ، «يالغانلار ۋە بېسىم جىنايەتلىرىڭلارنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» دېدى.

1162582
قالىن نېتانياھونىڭ ئەردوغان توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، نېتانياھۇنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «نېتانياھۇ، ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلار توغرىسىدا ئىرقچى سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ باشقۇرۇۋاتقان ئىرقچى دۆلەت پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ ياتماقتا، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرمەكتە، پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز زېمىنلىرىغا مەھكۇم قىلىپ قويماقتا. يالغانلار ۋە بېسىم جىنايەتلىرىڭلارنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر