ئەردوغان مودې بىلەن كەشمىر سۈركىلىشى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى پەسكويغا چۈشۈرۈش يولىدا قەدەم تاشلىدى...

1161604
ئەردوغان مودې بىلەن كەشمىر سۈركىلىشى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى بايانات بېرىپ، ئەردوغان بىلەن مودېنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا ھىندىستان – پاكىستان چېگراسىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 28 – فېۋرالدا پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن ۋە 8 – مارتتا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن ھىندىستان – پاكىستان چېگراسىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بۇ قېتىمقى سۈركىلىش، كەشمىرنىڭ ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى قىسمىدا 14 – فېۋرالدا يۈز بېرىپ 44 ساقچىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبىلىق ھۇجۇم بىلەن بىرلىكتە باشلىغانىدى.

يېڭى دېھلى دائىرىلىرى، ھۇجۇمدىن كېيىن پاكىستاننى ئەيىبلىدى. ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن پاكىستان بولسا، ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ھىندىستان، 26 – فېۋرالدا كەشمىر كونترول لىنىيەسىنىڭ پاكىستان تەرىپىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئارقىدىن ياخشى نىيەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ھىندىستانلىق ئۇچقۇچىنى قويۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر