تۈركىيە ئىراندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1144863
تۈركىيە ئىراندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسقا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «بۇ پەسكەشلەرچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئاللاھتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈنۈگۈن ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سىستان – بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قارمىقىدىكى چېگرا مۇداپىئە خادىملىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 27 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 13 ئەسكەر يارىلانغانىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى «جەيشۇلئەدل (ئادالەت جەڭچىلىرى)» ناملىق تەشكىلات ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر