تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خاكۇرك رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1144518
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان تېررورچىلارنىڭ تۇرۇۋاتقان پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا يەرلىك ئۇسۇلدا پارتلاتقۇچ ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن ئوق – دورىنى تاشلاپ قاچقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ جەرياندا ئورنى ئېنىقلانغان بىر پاناھلىنىش ئورنىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئائىت 400 دانە پىلىمۇت ئوقى،  تېببىي لازىمەتلىكلەر، يەرلىك ئۇسۇلدىكى پارتلاتقۇچلارغا ئىشلىتىلىدىغان سىملار، 10 خالتا ئۇغۇت، ئىشلىتىشكە تەييار پارتلاتقۇچ، سىمسىز ئالاقىلىش ئاپپاراتى قاتارلىق نەرسىلەر تېپىلغان.

تېررورچىلارنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى ئىشلىتىپ ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى، بىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى تۈپەيلى نەرسە – كېرەكلىرىنى تاشلاپ قاچقانلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر