ئەمىنە ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى ۋە مەلىكىسىنىڭ زىيارىتى توغرىىسدا ئۇچۇر ئورتاقلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ ۋە رەپىقىسى مەلىكە رانىيا ئابدۇللاھنىڭ ئىستانبۇل زىيارىتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدا ئۇچۇر ئورتاقلاشتى.

1137628
ئەمىنە ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى ۋە مەلىكىسىنىڭ زىيارىتى توغرىىسدا ئۇچۇر ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسىغا زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە رەسىم چىقىرىپ، ئاستىغا «ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ ۋە رەپىقىسى مەلىكە رانىيا ئابدۇللاھ بىلەن گۈزەل بىر ئىستانبۇل ئاخشىمى ئۆتكۈزدۇق. زىيارەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن ئۇچۇرلارنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر