چاۋۇشئوغلۇ سوفىيەدە تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى غەيرى رەسمىي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، رۇمېنىيە پايتەختى سوفىيەگە تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرى بىلەن يېتىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى غەيرى رەسمىي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، رۇمېنىيە پايتەختى سوفىيەگە تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرى بىلەن يېتىپ باردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ سوفىيەدىكى ئەلچىخانا بىناسىدا تۈرك سودا-سانائەتچىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا سودا ۋە سېلىنمىلارنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.
ئۇ تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى توغرىسىدا تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «رۇمېنىيە 15 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىيە شىركىتى پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان، رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ شىركەت ۋەكىللىرى بىلەن سودا ئومۇمىي سوممىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.