«تۈركىيە سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىكنى كۆزلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يېگانە دۆلەت»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك نىشانلارنى كۆزلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1132397
«تۈركىيە سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىكنى كۆزلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يېگانە دۆلەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرەدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن « HGM Atlas » ۋە « HGM » سىستېمىلىرىنى  تونۇشتۇۇرش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيە كىرىزىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزگە780 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنىمىز يېتىدۇ، سۈرىيە چېگراسىدا بەرپا قىلىنغۇسى <بىخەتەر رايون> غا قارىتا تۈركىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىشتەك بىر نىيىتى يوق، دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۆزىنىڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش، رايون خەلقىنى تىنچ ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ، تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا 1998 – يىلى تۈزۈلگەن <ئادانا كېلىشىمى> ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ  يەنە، دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر خىل شەكىلدىكى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر