تۈركىيە ي پ گ- پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاگاھلاندۇردى
تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ي پ گ - پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇنبىچ خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىنى قورال كۈچى بىلەن كونترول قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك نىڭ رايون خەلقىگە ۋاكالىتەن بايانات بېرىش ۋە باشقا كۈچلەرنى رايونغا تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىقى ي پ گ- پ ك ك نىڭ مۇنبىچ چاقىرقى توغرۇلۇق بايانات بەردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «مۇنبىچنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق بىر قاتار ئاساسسىز باياناتلار ئېلان قىلىندى، رايوننى قورال كۈچى ئارقىلىق كونترول قىلىۋالغان ي پ گ – پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايون خەلقىگە ۋاكالىتەن بايانات بېرىش ۋە باشقا كۈچلەرنى رايونغا تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى يوقتۇر. بارلىق تەرەپلەرنى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز، بىز ۋەزىيەتنى يېقىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.