سۈرىيە چېگراسىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش مەقستىدە يولغا سېلىنغان ھەربىي ئاپتوموبىللار كىلىسقا يېتىپ باردى.

1112433
سۈرىيە چېگراسىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن يولغا چىققان زەمىبرەك ۋە تانكىلار بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئاپتوموبىللار ،كىلىس شەھەر مەركىزىدىن ئۆتۈپ ئەلبەيلى ناھىيەسىگە يېتىپ باردى.

كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا يولىنى داۋاملاشتۇرغان ئاپتوموبىللاردىكى ئەسلىھەتلەرنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر