«ھەربىي ھەرىكەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ۋاز كەچكەنلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشىنىڭ، بۇ پىلاندىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1111672
«ھەربىي ھەرىكەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ۋاز كەچكەنلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مالتانىڭ پايتەختى ۋاللېتتادا، «‹ TRT Haber › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ «فىرات دەرياس» نىڭ شەرقىي قىسمىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، كېيىنچە بۇ قارار رەسمىي بايانات ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا 8 – يانۋار كۈنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان يىغىندا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ بىزگە، ي پ گ / پ ك ك غا بېرىلگەن ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلارنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئەلۋەتتە قولاي ئىش ئەمەس، جۈملىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق قورال – ياراغلارنى يىغىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەمما بىز بۇ ھەقتىكى پىكىر – تەلەپلىرىمىزنى ئامېرىكا دائىرىلىرىغا يەتكۈزدۇق. تۈركىيە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى تۈركىيە ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم، شۇ ۋەجىدىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك غا بېرىلىۋاتقان ياردەم بىزنى قاتتىق رەنجىتمەكتە. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، رايون دەرھال تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلىنىشى لازىم.»

چاۋۇشئوغلۇ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ بار – يوقلۇقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە نىسبەتەن دائېش، ي پ گ / پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش ئىرادىسى قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر