تېررورىزمغا زەربە بېرىش قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 2817 قېتىم ئىچكى خەۋپسىزلىكنى قوغداش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1103666
تېررورىزمغا زەربە بېرىش قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى خەۋپسىزلىكنى قوغداش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىقنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بىر ھەپتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى خەۋپسىزلىكنى قوغداش ھەرىكەتلىرىدە 26 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن 19 ى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن، ئالتىسى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا تەسلىم بولغان. ھەرىكەتلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 40 پاناھلىنىش نۇقتىسى، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە باشقا ئەشيالىرى بىتچىت قىلىنغان.

ھەرىكەت دائىرىسىدە، تېررورلۇق، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەستكەسچىلىككە چېتىشلىقى بايقالغان 4403 كىشى قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر