ئەردوغان: قاشىقجى تەكشۈرۈشىگە ب د ت نى ئارىلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى ئارىلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1099600
ئەردوغان: قاشىقجى تەكشۈرۈشىگە ب د ت نى ئارىلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش بارغان ئارگېنتىنادىن پاراگۋايغا كېتىۋېتىپ، مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

جەمال قاشىقجى جىنايىتى مەسىلىسىگە ب د ت نى ئارىلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «قورقۇۋاتقان بولسا كېرەككى، چېكىنىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلار بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، بۇ ئىشنى خەلقئارا سوتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ب د ت نى ئارىلاشتۇرۇپ، بۇ ئىشنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزىمىز.

قاشىقجى جىنايىتى يۇمىلاق ئۈستەلدە جىددىي مەنىدە مۇزاكىرە قىلىنمىدى. لېكىن، باشلىقلار يىغىنىدا كانادا باش مىنىستىرى (جاستىن ترۇدېئۇ) بۇ ھەقتە ئازراق بولسىمۇ توختالدى. لېكىن (سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى) مۇھەممەد بىن سەلمان بۇنىڭغا جاۋابەن، <جىنايەت بېكىتىلمەي تۇرۇپ، ھېچكىمنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ> دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى. ئەپسۇسكى، بىز پۇرسىتىنى تاپالمىدۇق، چۈنكى رىياسەتچى ئارقىدىنلا سۆز قىلىش نۆۋىتىنى (فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل) ماكرونغا بېرىپ، يىغىننى باشلىشىمىز لازىم، دېدى. بىزمۇ سۆز قىلغان بولساق، مەن ئۇ يەردە بارلىق دەلىللەرنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ، كېرەكلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتىم» دېدى.

ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا خىتابەن، «قاشىجىنىڭ جەسىتى قەيەردە؟ بۇنى سىلەرنىڭ 20 كىشىلىك ئەترىتىڭلار بىلىدۇ. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئوڭ – سولغا تولغانماڭلار. يەرلىك ھەمكارلىقچى بىلەن ياردەملەشتۇق دەۋاتىسىلەر، ئېلان قىلىڭلار. بۇنىمۇ بىلىسىلەر. بىلمەيمىز دېيىشلىرى قايىل قىلارلىق ئەمەس» دېدى.

ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن كېيىنكى باياناتلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىمۇ خاتىرىلەتكەن ھالدا، «خاتىرىلەڭلار، قاشىقجى ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن كونسۇلخانىدىن چىقىپ كەتتى دېگەنىدى، باشتىكى باياناتلىرىدا. بۇ كىشى ئادەتتىكى بىرى ئەمەسكى، سىرتتا ساقلاۋاتقان لايىقىنى ئالماستىن كېتىپ قالىدىغان. بۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ كىمگە نېمە ئاڭلىتىۋاتىسىلەر؟ ئىنسانلارنى دوت، ئەخمەق دەپ ئويلىشىۋاتىدۇ. جامائەتچىلىكنى ئالدايمىز، دەپ ئويلاپ قالدى. نېمە بولدى؟ ئارىدىن بىر – ئىككى كۈن ئۆتتى، پەرقلىق باياناتلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر