ئەمىنە ئەردوغان ئارگېنتىنادا ئېۋىتا مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئارگېنتىنادا ئېۋىتا مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئارگېنتىنا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ بولۇۋاتقان ئەمىنە ئەردوغان، پايتەخت بۇئېنۇس ئايرېستىكى ئېۋىتا مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.
ئاياللارغا سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلغان ۋە ئارگېنتىنا تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئېۋا پېروننىڭ ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇزېينىڭ كىرىشىدە، ئېۋا پېرون تارىخىي تەتقىقاتلار مىللىي ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى كرىستىنا ئالۋارېز رودرىگۇئېز ئەمىنە ئەردوغاننى قىزغىن قارشى ئالدى، ھەمدە ئەمىنە ئەردوغانغا مۇزېي ۋە ئېۋا پېرون ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بەزى مىنىستىرلارنىڭ رەپىقىلىرىمۇ مۇزېي زىيارىتىدە ئەمىنە ئەردوغانغا ھەمراھ بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.