ئەردوغان تۈرك ئالىي مەكتەپلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەم شارائىت جەھەتتە ھەمدە ئاكادېمىك ئەركىنلىك جەھەتتە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىلىم ۋە ئىلغار تېخنولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن يېزا-ئىگىلىك بانكىسى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
ئۇلۇغۋار غايىلىرى، بۈيۈك نىشانلىرى ۋە كۈچلۈك ئارزۇ-ئامانلىرى بولغان تۈركىيەنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: 2023-يىلىدا دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى جەھەتتە 10-ئورۇنغا ئۆتۈشنى نىشان قىلغان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن كىتاب ئوقۇش نىسبىتى، سۈپەتلىك ئەسەرلەر بەرپا قىلىش سانى، ئۆزگىچە ئاكادېمىك ماقالىلەر سانى قاتارلىقلار يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇشى كېرەك. تۈركىيەگە ئوخشاش شانلىق مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان بىر دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە بولۇپمۇ ئىلمىي ساھەلەردە ئالدىنقى قاتاردا بولۇشى لازىم، بۇ مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپلەر زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، دېدى.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شەكىلۋازلىقتىن، بېسىمدىن ۋە ئەركىنلىكنى بوغىدىغان مۇھىتلاردىن قۇتۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: "ئالىي مەكتەپلىرىمىز توغرىسىدا ھەر خىل سەلبىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار بولسىمۇ، لېكىن ئالىي مەكتەپلىرىمىز 2002-يىلدىن ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا ھەم شارائىت جەھەتتە بولسۇن ھەمدە ئاكادېمىك ئەركىنلىك جەھەتتە بولسۇن زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلدى."
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.