ئاقار: ئامېرىكىنىڭ ي پ گ توغرىلىقمۇ كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ي پ گ توغرىلىقمۇ كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1083462
ئاقار: ئامېرىكىنىڭ ي پ گ توغرىلىقمۇ كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان زىيارىتى دائىرىسىدە سەۋاكىن ئارىلىدا بايانات بەرگەن ئاقار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار قارارىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقشىمىزنىڭ بۇ قەدىمى ناھايىتى ئىجابىي، ئەمما تولىمۇ كېچىككەن بىر قەدەمدۇر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ي پ گ توغرىلىقمۇ كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. چۈنكى، ي پ گ لىق تېررورچىلار ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا بىلەن بولغان دوستلۇقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىزغا كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە، ئامېرىكا تەرەپتىن بۇ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ گە يۈك ئاپتوموبىللىرى، ئايروپىلانلار بىلەن ھەربىي ئەسلىھەلەر، قورال – ياراغلار ۋە ئوق – دورىلار بىلەن تەمىنلىشىنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتىنمۇ  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر