ئەردوغان قاشىقجى ۋەقەسى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، «جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئىستانبۇلدا سوتلايلى» دېدى.

1074036
ئەردوغان قاشىقجى ۋەقەسى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى جەزملەشكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

ئەردوغان، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ جىنايەتنىڭ پىلانلىق شەكىلدە سادىر قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جەمال قاشىقجى كونسۇلخانىغا بېرىشتىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن گېنېراللار، قانۇن دوختۇرلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان 15 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۇ يەرگە كىرگەنلىكىنى، جىنايەتنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىنى، ئارقىدىن پاكىتلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باشتا قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى رەت قىلغانلىقىنى، بىراق ئوتتۇرىغا چىققان دەلىللەرگە ئاساسەن جىنايەتنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پاكىتلار، قاشىقجىنىڭ ۋەھشىيانە بىر جىنايەتكە قۇربان بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. تەپسىلاتلىرىنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشى ئىنسانلىق ۋىجدانىنى جاراھەتلەندۈرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى جىنايەتنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋەقەگە چېتىشلىق 18 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بۈگۈن بۇ يەردىن پادىشاھ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا چاقىرىق قىلىمەن. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئىستانبۇلدۇر. 18 تۇتقۇننىڭ ئىستانبۇلدا سوتلىنىشىنى تەكلىپ قىلىمەن» دېدى.

ئەردوغان،  بۇنداق مۇھىم بىر تەكشۈرۈشنىڭ، جىنايەت بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى بولمىغان، بىتەرەپ شۇنداقلا ئادىل بىر ھەيئەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «بۇ بىر سىياسىي جىنايەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر بولۇپ قالسا، باشقا دۆلەتلەردىكى جىنايەت شېرىكلىرىمۇ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك» دېدى.

جىنايەتكە ئالاقىدار بەزى سوئال بەلگىلىرىنىڭمۇ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، «بۇ 15 ئادەم جىنايەت سادىر بولغان كۈنى نېمىشقا ئىستانبۇلغا توپلاندى؟ بۇ كىشىلەر كىمنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئۇ يەرگە كىردى؟ كونسۇلخانا بىناسى نېمىشقا دەرھال ئەمەس، ئارىدىن كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈشكە ئېچىلدى؟ جىنايەت ئاشكارا تۇرسا، نېمىشقا ئۇنچىۋالا تۇترۇقسىز باياناتلار ئېلان قىلىندى؟ جەسەت نېمىشقا ھازىرغىچە ئوتتۇرىدا يوق؟ جەسەتنىڭ يەرلىك بىر شېرىككە بېرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى سۆز راست بولسا، بۇ يەرلىك شېرىك كىم؟ ھېچكىم (بۇ) سوئاللارنىڭ جاۋابى تېپىلماي تۇرۇپ مەسىلىنىڭ يېپىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئەقلىگە كەلتۈرمىسۇن. خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ قولىدىكى مەلۇماتلار، ھادىسىنىڭ پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇنداق بىر مەسىلىنى بىر قانچە خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمىغا ئارتىپ قويۇش جامائەتچىلىكنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانى بۇيرۇقتىن چۈشۈرگەندىن تارتىپ ئىجرا قىلغۇچىلارغا بولغان بارلىق كىشىلەر ھېسابقا تارتىلغاندىلا قانائەت تاپىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر