كىرىكلارەلىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

كىرىكلارەلىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان 136 كۆچمەن تۇتۇلدى.

1073089
كىرىكلارەلىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىكلارەلى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق مەركىزى بابائەسكى ۋە كوفچاز ناھىيەلىرىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن ياۋروپاغا كېتىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان تۆت گۇرۇپپا ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋېلىپ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراق ۋە ئىراندىن كەلگەن 136 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

كۆچمەنلەر قانۇنىي رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر