چاۋۇشئوغلۇ جېرېمي بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېرېمي ھانت بىلەن كۆرۈشتى.
1069494
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى مىنىستىرنىڭ يېپىق ئۇچرىشىشى بىر سائەت داۋاملاشتى. دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ ۋە رايونغا ئالاقىدار مۇناسىۋەتلەر، رۇسىيە بىلەن 17 – سېنتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب كېلىشىمى، 2 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىزدېرىكى قىلىنالمىغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.