ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرىگە مۇھىم چاقىرىقتا بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرىنى سودا ئىشلىرىدا مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىشكە چاقىردى.

1066924
ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرىگە مۇھىم چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «2 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، مۇنداق دېدى: «بىز ئافرىقا قىتئەسىدىكى دىپلوماتىك مەۋجۇدىيىتىمىزنى كۈنسېرى مۇستەھكەملىدۇق، ئافرىقا ئەللىرىمۇ تۈركىيەدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ سانىنى 10 دىن 33 كە يەتكۈزدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق سەھنىلەردە، تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئادالەت بەرپا قىلىش نىشانىنى بويلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي كۈرىشىنى ئافرىقىلىق دوستلىرىمىز قىزغىن قوللىدى ۋە قوللاۋاتىدۇ. ئەمدى بارلىق ئافرىقىلىق دوستلىرىمىزغا، قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنداق       چاقىرىقتا بولىمەن: كېلىڭلار، سودا ئىشلىرىمىزنى يەرلىك پۇللار بىلەن، مىللىي پۇللار بىلەن ئىشقا ئاشۇرايلى!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر