مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىگە دۈچ كەلگەن ھىندونېزىيەگە ياردەم قىلىشقا تاييار ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈلدى.

1060096
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتكو مارسۇدى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

دېپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشچە، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبتىدە، يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىگە دۈچ كەلگەن ھىندونېزىيەگە تۈركىيەنىڭ ياردەم قىلىش تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تۈنۈگۈن تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، تۈركىيەنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەردوغان يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا نەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ، يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 

ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارالىدا جۈمە كۈنى 7.4 بال يەر تەۋرەپ، ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1203 كىشىگە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر