چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژون ئىۋ لۆ غىيون بىلەن كۆرۈشتى.

1059838
چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پارىژدا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژون ئىۋ لۆ غىيون بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ژون ئىۋ لۆ غىيوننىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشىدە، سۈرىيە مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا رايونلۇق مەسىلىلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە فىرانسىيەنىڭ ئورتاق كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ژون ئىۋ لۆ غىيوننىڭ كۆرۈشۈشى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى ۋە تەخمىنەن 1 يېرىم سائەت داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر