جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېرلىندا گېرمانىيە پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېرلىنغا يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېللېۋۇ سارىيىدا ستېينمىيېر تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

1058392
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېرلىندا گېرمانىيە پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان  بېللېۋۇ سارىيىدا ئالدى بىلەن مېھمان دەپتىرىنى ئىمزالىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېر بىلەن كۆۈشكەندىن كېيىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن، ھەمدە مېركېل بىلەن بىرلىكتە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن، گېرمانىيەدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خوجانلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان  يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمىيېر تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلىدىغان كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتنشىىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر