تۈركىيە ھەم گېرمانىيەگە، ھەم ياۋروپاغا نىسبەتەن مۇھىم بىر شېرىك

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى سىتېففېن سېبېرت تۈركىيەنىڭ ھەم گېرمانىيەگە، ھەم ياۋروپاغا نىسبەتەن مۇھىم بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1057418
تۈركىيە ھەم گېرمانىيەگە، ھەم ياۋروپاغا نىسبەتەن مۇھىم بىر شېرىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى سىتېففېن سېبېرت پايتەخت بېرلىندە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەردوغاننىڭ دەسلەپتە گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر ستېيىنمېيېر بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى، ئاندىن باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچرىشىشتا تۈركىيە گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا يەنە، رايون خاراكتېلىق مەسلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنىڭمۇ مۇھىم سۆھبەت تېمىسى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سىتېففېن سېبېرت: «تۈركىيە بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بىر شېرىكتۇر. ياۋروپاغا نىسبەتەنمۇ مۇھىم بىر شېرىك» دېدى.

گېرمانىيەدە 3- 4 مىليونغا يېقىن تۈرك خەلقى ياشايدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن سىتېففېن سېبېرت، «مۇشۇنىڭ ئۆزىلا تۈركىيە گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىدۇ. چۈنكى مانا شۇنداق بىر ئىنسانىي كۆۋرۈك بار» دېدى.

سىتېففېن سېبېرت تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلايدۇ. چۈمە كۈنى پىرېزىدېنت فىرانك ۋالتېر ستېيىنمېيېر بىلەن، ئاندىن باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر