چاۋۇشئوغلۇ ئىدلىب توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ بالايى- ئاپەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1042561
چاۋۇشئوغلۇ ئىدلىب توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئىدلىبتە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشى، ئاستانا كېلىشىمىنىڭ داۋامى ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىدلىب رايونىنىڭ ئاستانا كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن «توقۇنۇشماسلىق» رايونلىرىدىن ئاخىرقىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يەردە 3.5 مىليون كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مەسىلىلەرنى 7-سېنتەبىر تېھراندا پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ۋە پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن مۇزاكىرە قىلىدۇ. بىزمۇ يىغىندا بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىمىز، ئەمما يىغىندىن بۇرۇن ئۇچرىشىشلىرىمىزىنى داۋاملاشتۇرىمىز. يىغىندىن توغرا قارارنىڭ چىقىشى ئۈچۈن تەييارلىقلىرىمىزنى قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېفرېينىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدىمۇ توختالدى ئۇ: «بىز جېفرېينى تونۇيمىز. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنقەرەدە باش ئەلچى بولدى، تۈركچىنى ياخشى بىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بولغانلىقى مۇۋاپىق بوپتۇ.»

ئۇ جېفرېينىڭ رايوننى يېقىندىن بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«جېفرېينىڭ تۈركىيەگە كېلىپ، بىز بىلەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇھىم. پەقەت ئىدلىب مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق قاراشلىرىمىزنى، سۈرىيەنىڭ چېگرا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى نۇقتىسىدىن مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر، ئامېرىكانىڭ پ ك ك|ي پ گ غا بېرىۋاتقان قورال ھەمدە قىلىۋاتقان ياردەم مەسىلىلىرىنى جەزمەن كۈنتەرتىپكە قويىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر