تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتى

«مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك خەۋەر – ئىش ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تارىق سەزگىننىڭ «تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتى» ناملىق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1041569
تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە تۈرلۈك تەھدىتلەرگە قارشى مىللىي خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدىكى بەزى جەريانلاردا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قورال ۋە ئوق – دورا ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلمەكتە. پۇلىنى تۆلەپ سېتىۋالغان مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتە مەسىلىلەر پەيدا قىلىنماقتا، بىراق تۈركىيە بۇ مەنىدە دۇچ كەلگەن ھەر بىر كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتا ئۇتۇق قازانماقتا. ئاتالمىش ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سېتىپ بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغانىدى، تۈركىيە ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقاردى. ئاتالمىش ئىتتىپاقداشلىرىمىز قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى بىزگە سېتىپ بېرىشنى خالىمىغانىدى، تۈركىيە ئۆزىگە ئېھتىياجلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقارغاندىن سىرت ئۇنى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىگە ساتقۇدەك ھالەتكە كەلدى. ئاتالمىش ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بومبىلارغا «ئەقلىي ئىقتىدار» سەپلەيدىغان سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتلار مەسىلىسىدە تۈركىيەگە توسالغۇلارنى پەيدا قىلغانىدى، تۈركىيە ئۇلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەردە سىرتقا بېقىنىپ قېلىشقا خاتىمە بېرىش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. مەسىلەن ئامېرىكا، تۈركىيەگە ساتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەرنى مۇئەييەن جەرياندا بىر تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ساتقان ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلگەن ۋە قالغان قىسىملىرىنىڭ سانىلىرىغىچە كۆزىتىپ تۇرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ قايسى جايلارغا ئېتىلغانلىقىنى بىلىش ئىمكانىيىتىمۇ بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشى ئەسناسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزىدىن سېتىۋالغان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە سان ۋە نىشانغا توسقۇنلۇق قىلىش ئىمكانىيىتى بار. ھەتتا تۈركىيەنىڭ، پ ك ك ۋە پ ي د غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئىشلەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەرنى تۈركىيەگە ساتمىغان چاغلىرىمۇ بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەتتەك ھەرىكەت قىلىشىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

بولۇپمۇ  بەزى دۆلەتلەر تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنىڭ مىللىيلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئىستراتېگىيەلەرنى ئىشقا سالماقتا. بىر قىسىم مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بەرمەسلىك، سېتىپ بەرگەن بەزى ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش، ھەتتا بەزى يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنىڭ باھاسىنى پەۋقۇلئاددە چۈشۈرۈپ بېرىش دېگەندەك ئۇسۇللارنى ئىشقا سالماقتا. خۇسۇسەن، تۈركىيە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ياساشقا باشلىغان ھامان باھانى ئالاھىدە تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشماقتا. بۇ خىل توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن بىرى سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپپاراتنى ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسىدە كۆرۈلمەكتە.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەردە سىرتقا بېقىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 2005 – يىلى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك يوليورۇقلارنى چۈشۈرىدۇ. قىسقا مەزگىللىك تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە 2006 – يىلى «سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپپارات» ئىشلەپچىقىلىرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپلىگەن مەھسۇلاتلاردا كۆرۈلگىنىدەك، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش ئىتتىپاقداشلىرىمىز ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.

تۈركىيە ئۆزى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپپاراتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان JDAM نىڭ بىر دانىسىنى 120 مىڭ دوللارغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سېتىۋالاتتى. تۈركىيەنىڭ 2006 – يىلى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياسىغان سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپپاراتى 90 مىڭ دوللارغا توختىدى. يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقارغاندا چىقىم تېخىمۇ ئاز بولاتتى. تۈركىيەنىڭ ئۇ كۈنلەردە يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن، ئامېرىكا مەھسۇلات باھاسىنى ئالتىدىن بىرگە چۈشۈرۈپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 120 مىڭ دوللارغا سېتىۋاتقان JDAM نىڭ باھاسىنى بىردىنلا 20 مىڭ دوللارغا چۈشۈردى. چىقىمنىڭ تۆۋەنلىمىگەن بولۇشىغا قارىماي، باھاسىنىڭ بۇنچىۋالا تۆۋەنلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باھانى پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىتىشىدىكى غەرەزلەردىن بىرى، مىللىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. باھانىڭ بۇ دەرىجىدە چۈشۈرۈلۈشى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چىقىمىنى 4 يېرىم ھەسسە كۆپ بولۇشتەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسى بىر ئاز ئۇزىراپ كەتتى. لېكىن، تۈركىيە مۇستەقىل مىللىي مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، قىسقا دېيىشكە بولىدىغان جەريان ئىچىدە يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ.

سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتلىرى، تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى – تۈبىتاك قارمىقىدىكى مۇداپىئە سانائىتى تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنستىتۇتى ئىنژېنېرلىرىنىڭ 5 يىللىق جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىقتى. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوراللىرى ئارىسىغا سەپلەنگەن تۇنجى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتلىرى تۇنجى بولۇپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 3 – نومۇرلۇق ھاۋا ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش مۇدىرلىقىدا ئىشلەپچىقىرىلدى. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ھەربىي خىزمەت ئورنى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ جايدىكى ئۇنۋانلىق ۋە ئىشچى خادىملار تەرىپىدىن 2013 – يىلى تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشتى. ئالدىنقى مەزگىللىك سانائەت ۋە پەن – تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى فارۇق ئۆزلۈ، 2017 – يىلى نويابىردا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتى «HGK-1» نى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنيادا پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيە سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايتتى. تۈركىيە، مىللىي ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ بۇ ئەسلىھەنى ئىشلەپچىقارغان دۇنيانىڭ تۆت دۆلىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.  «HGK-1» لار فىرات قالقىنى ھەرىكىتى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلدى.

ئىشلەپچىقارغۇچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، «ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى نورمال بومبىلارنى 5 – 6 كىلومېتىر يىراقلىقتىن ئاتسا، HGK لارنىڭ سايىسىدا بۇ مۇساپە 25 كىلومېتىرغا چىقىدۇ. ئۈستىدىكى قوشۇمچە قاناتچەلەر ۋە ئالاھىدە قۇرۇلمىسى سايىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق بومبىلار ھاۋادىلا سۈزۈلۈپ ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئايروپىلان خەتەرلىك رايونغا كىرىپ قېلىشتىن بۇرۇنلا ۋەزىپىسىنى بىخەتەر ھالەتتە ئورۇنداپ بولىدۇ. ئادەتتىكى بومبىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغان ھالەتتە لايىھەلەنگەن ئاپپارات، ئورنى بەلگىلەنگەن نىشاننى سۈنئىي ھەمراھ ۋە مەخسۇس بايقاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 6 مېتىرلىق ناھايىتى تۆۋەن ئېغىش نىسبىتى بىلەن يوقىتىپ تاشلىيالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، نىشان سىرتىدىكى جايلارغا زىيان يەتكۈزمەستىن ھەرىكەت قىلغىلى بولىدۇ.» تۆۋەن چىقىم بىلەن لايىھەلەنگەن يۇقىرى ئىقتىدارلىق HGK لار نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرى تەرىپىدىن دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر