بۈگۈن تۈركىيە ۋە دۇنيادا 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ

30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ 96 يىللىقى تۈركىيە مىقياسى ۋە چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلاردا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەنمەكتە.

1040061
بۈگۈن تۈركىيە ۋە دۇنيادا 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ
zafer bayrami.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سائەت 11:00 دە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى تەبرىكلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مىللىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا زىياپەت بېرىدۇ.

كۇتاھيادا ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا «كوجاتەپەدىن دۇملۇپىنار – زەپەرتەپەگىچە مۇستەقىللىققە سۇزۇلغان يول» دېگەن شۇئار ئاستىدا 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن 96 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا تارىخىي گۇۋاھ بولغان ئەڭ كاتتا قەھرىمانلىق داستانلىرىدىن بىرىنى يېزىپ، ئىشغالچى كۈچلەرنى ۋەتەن زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن مۇستەقىللىق ئاتەشىنى كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈش بىلەن ياقتى.

كۈچلۈك ھۇجۇم دۇملۇپىناردا باش قوماندانلىق مەيدان جېڭىدە غەلىبە قازىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

مۇستافا كەمال پاشا كاتتا زەپەردىن كېيىن 1- سېنتەبىردە دۇملۇپىناردا، غەربىي فىرونتتىكى قىسىملارغا «ئەسكەرلەر، بىرىنچى نىشانىمىز ئاقدېڭىزدۇر، ئالغا!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.

27 – ئاۋغۇستتا ئافيۇنقاراھىسار، 30 – ئاۋغۇستتا كۈتاھيانىڭ ئازاد بولۇشىغا 1 – سېنتەبىردە گەدىز، 3- سېنتەبىردە ئەمەت ۋە تاۋشانلىنىڭ ئازاد بولۇشى ئەگەشتى، 9 – سېنتەبىردە ئىزمىردە گىرېتسىيە ئارمىيەسىنى دېڭىزغا تۆكۈۋەتكەن تۈركىيە ئارمىيەسى، مۇستافا كەمال پاشانىڭ بۇيرۇقىنى غەلىبىلىك ئورۇندىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر